ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 ۋە سۈرىيەنىڭ « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1546357
ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى، سۈرىيەنىڭ <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا قوراللىق ھۇجۇم تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى بىر تېررورچى، ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر