ئىبراھىم ئەرەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولدى

رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن ئاۋاز بىرلىكى بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

1546688
ئىبراھىم ئەرەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل (2020) ۋىيېتنام پايتەختى خانويدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان 57-نۆۋەتلىك ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئىنتېرنېت تور يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ت ر ت مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن سايلامدا، 72 دۆلەتنىڭ 271 ئەزاسىنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تۈركىيەدىن سايلانغان تۇنجى كىشى بولدى. ئۇ 2023-يىلى 31-دېكابىرغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.  

 ئىبراھىم ئەرەننىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشىدا، ئۇ باش مۇدىر بولغان مەزگىلدە، ت ر ت نىڭ بارغانسېرى ئاشقان مۇۋەپپەقىيەت گىرافىكى، چەت ئەللەردە تەسىر پەيدا قىلغان پائالىيەتلىرى بىلەن ئوخشىمىغان تىللاردىكى ئاخبارات تارقىتىشلىرى مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.

ئىبراھىم ئەرەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات بىرلەشمىسىگە كۈچلۈك قوللاش ئاستىدا سايلانغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ مۇۋەپپەقىيەت، دۆلىتىمىزنىڭ كۈچى ۋە ت ر ت بولۇش سۈپىتىمىزدە خەلقئارادىكى تەسىرىمىزدىن قولغا كەلدى. ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ۋە خىزمەتداشلىرىمغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مۇبارەك بولسۇن» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر