ئەردوغان - مىشېل تېلېفون سۆھبىتىدە مۇھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى چارلىز مىشېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

1546271
ئەردوغان - مىشېل تېلېفون سۆھبىتىدە مۇھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس  ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە - ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە تاشلانغان ھەر بىر ئاكتىپ قەدەمگە ئەنقەرەنىڭ يېڭى پۇرسەت كۆزنىكى دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشقا بەل باغلاۋاتقان بىر پەيتتە، بەزى تەرەپلەرنىڭ قەستەن كىرىزىس پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇ ئايىغى چىقماس ھالەتتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنى قايتا باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلىگەن بولۇشىغا قارىماي، گىرېتسىيە تەرەپنىڭ ئىزچىل يېڭى باھانىلەرنى تېپىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان كۈشكۈرتكۈچى قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئىشلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى پەقەت ۋە پەقەت ھەققانىي ۋە ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدىمۇ ياخشى ئىرادە ۋە بەرپاچى پوزىتسىيە بىلدۈرگەن تەرەپنىڭ تۈركىيە بولغانلىقىنى، بۇ تېمىدا خەلقئارالىق يىغىن تەشكىللەش تەكلىپىنىڭ ھېلىھەم كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يىغىننىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچكىمنى چەتكە قاقماسلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، قىبرىس ئارىلى مەسىلىسىگە ئادىل ۋە مەڭگۈلۈك چارە تېپىش ئۈچۈن زۆرۈر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان تەرەپنىڭ ھەر دائىم تۈركىيە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، لىۋىيە، سۈرىيە، ئۈستۈن قاراباغقا ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسىلە بار دەپ قاراۋاتقان ساھەلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تۈركىيە - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يادروسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، بۇ رايونلاردىكى نېگىزلىك پىرىنسىپ ۋە نىشانلارنىڭ ئاساسەن ئۆزئارا ماس ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تار مەنپەئەت ساھەسىگە قامىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قايتىدىن چوڭ رەسىمنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا سۆزلىشىشنى باشلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇ يەنە، كۈنتەرتىپنى ئىجابىيلىققا ئۆزگەرتىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتىنىڭ 18-مارت (2016) كۆچمەنلەر كېلىشىمى ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدە سوغۇققان ۋە بەرپاچى پوزىتسىيە قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر