ئەردوغان لىيۇكسېمبۇرگ ۋە باڭلادېش باش ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىيۇكسېمبۇرگ ۋە باڭلادېشنىڭ يېڭى باش ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلدى.
1546075
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىيۇكسېمبۇرگنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئانگېلا دا كرۇزنى قوبۇل قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىشىشىتا، باش ئەلچى دا كرۇز ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپى تاپشۇردى.
دا كرۇز ئايالى ۋە ئەلچىخانىنىڭ بەزى خادىملىرىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن خاتىرە سۈرەت تارتىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە باڭلادېشنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى موسۇد مانناننىمۇ قوبۇل قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىشىشىتا، باش ئەلچى موسۇد ماننان ئەردوغانغا ساداقەت مەكتۇپى تاپشۇردى.
ماننان ئايالى ۋە ئەلچىخانىنىڭ بەزى خادىملىرىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن خاتىرە سۈرەت تارتىلدى.