تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

سۈرىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1545817
تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ فىرات قالقىنى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «خاتىرجەملىككە بۇزغۇنچىلىق سېلىش ئۈچۈن فىرات قالقىنى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى قەھرىمان كوماندىرلىرىمىزنىڭ غەلىبىلىك مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن پ ك ك سېپىدىن قاچقان بىر تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسىنىڭ تېررورچىلارنى تەسلىم بولۇشقا قايىل قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قاچقان بىر تېررورچىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تەسلىم بولغان مەزكۇر تېررورچىنىڭ تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

يېڭىدىن تەسلىم بولغان تەشكىلات ئەزاسى مەزكۇر تۆت تېررورچىنى قوشقاندا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا تەسلىم بولغانلار ئومۇمىي سانى 231 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر