تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا چىقارغان ئېمبارگو قارارىنى ئەيىبلدى ۋە رەت قىلدى.

1545454
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارىنى ئەيىبلەپ، بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئېمبارگو قارارلىرىنى ئەيىبلەيمىز ۋە رەت قىلىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ئامېرىكانى بۇ ئادالەتسىز ئېمبارگو قارارىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋە ۋەھىمىلىك خاتالىقتىن قايتىشقا دەۋەت قىلىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ ئېمبارگولارغا قارشى كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى ۋە مۇۋاپىق دەپ قارالغان ۋاقىتتا، جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز.»

ئامېرىكا  رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە بەزى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش قارارىنى چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر