مۇستافا شەنتوپ بەزى ئىران مەسئۇللىرىنىڭ ئەردوغانغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى نۇتۇقىدا ئۇقۇغان شىئېرى سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئىرانلىق مەسئۇللارنىڭ يارىشىمسىز پوزىتسىيەلەردە بولغانلىقىىنى ئەيىبلىدى.

1544431
مۇستافا شەنتوپ بەزى ئىران مەسئۇللىرىنىڭ ئەردوغانغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو ۋە يېتىم قالدۇرۇشلارغا قارشى دائىم جاسارەت بىلەن ئىراننىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداپ كەلگەن جۇمھۇر رەئىسىمىزگە ئىراننىڭ بەزى مەسئۇللىرى نامايان قىلغان يارىشىمسىز پوزىسىيەلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆزلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلەرگە كۆرسىتەلمىگەن  پوزىتسىيەلىرىنى  تۈركىيەگە كۆرسىتىۋاتقانلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدىغان ھەددىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئېلان قىلىنغان بايانات ۋە يېرگىنىشلىك تارقىتىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر