ئەردوغان: تۈركمەنىستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركمەنىستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە بالدۇرراق كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

1544258
ئەردوغان: تۈركمەنىستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركمەنىستاننىڭ «مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا سىنلىق كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما يوللىدى.

تۈركمەنىستاننىڭ مەڭگۈلۈك بىتەرەپلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت بولۇش بىلەن بىرگە، مەڭگۈلۈك بىتەرەپلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان 1995 - ۋە 2015 - يىللىرى ئارىسىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى قارارلىرىنىمۇ قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركمەنىستاننىڭ بىتەرەپ سىياسىتى دائىرىسىدە خەلقئارا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەنلىكلىرىنى ۋە بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەڭگۈلۈك بىتەرەپلىك ئاساسىدا يولغا قويۇلغان تاشقى سىياسەتنىڭ رايون خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىنىڭ كونكرېت شەكىلدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، «بىز تۈركمەنىستاننىڭ ئافغانىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە سىجىل تىنچلىق ئورنىتىش ۋە <ئاسىيانىڭ قەلبى - ئىستانبۇل مۇساپىسى > گە قوشقان تۆھپىسىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. تۈركمەنىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رايوننىڭ سىرتىدىكى دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىيالوگ جەريانىغا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن يەنە بىر قېتىم تۈركمەنىستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە بالدۇرراق كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمەن، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر