فاھرەتتىن كوجا ئەزىز سانجارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمى پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارغا ۋاكسىنا توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

1544127
فاھرەتتىن كوجا ئەزىز سانجارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فاھرەتتىن كوجا پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇستازىمىزغا بۈگۈن تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىغان باياناتلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇستازىمىزنىڭ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلىرىدىن مىننەتدارمەن» دېدى.

پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، «مەن تۈركىيەدە بولغان بولسام، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ۋاكسىنا سالدۇرغان بولاتتىم» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر