تىكا سومالىدا كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) سومالىنىڭ سومالىلەند رايونىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان ئونلارچە دېھقانغا دېھقانچىلىق سايمانلىرى ياردەم قىلدى.

1543592
تىكا سومالىدا كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىكا سومالى كوردىناتور ياردەمچىسى ئىلھامى تۇرۇس ئېرىگادو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «تۈركىيەدىن كەلگەن دېھقانچىلىق سايمانلىرىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات ئالىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. تىكا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سومالىلەند خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئوخشىمىغان چوڭ لايىھەلىرىمىز بىلەن قوللىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

سىم-سىم يامغۇر كۆپ ياغىدىغان سومالىلەندتە دەريا بويلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر