ئوقتا قىبرىستا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما تارقاتتى.

1542719
ئوقتا قىبرىستا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تارقاتقان تېلېگراممىسىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ھۆكۈمەت تەشكىللەش خىزمەتلىرى ئاخىرلىشىپ ئىچكى كابىنېت ئاپپاراتى تىزىملىكىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار تەرىپىدىن ماقۇللىنىشىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى.

فۇئات ئوقتاي تېلېگراممىسىدا «تۈركىيە ھۆرمەتلىك ھامزا ئەرسان سانەر باشچىلىقىدىكى يېڭى كابىنېتنىڭ قىبرىس خەلقىنىڭ خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىقى، دۆلەتنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشلايدىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر