ئىبراھىم قالىن «تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى» يىغىنىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ لايىھە باياناتىدىكى تۈركىيەگە جازا يۈرگۈزۈشنىڭ ئويلىشىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىبارىلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1542737
ئىبراھىم قالىن «تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى» يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان گېرمان مارشال فوندى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدا چاقىرىلغان «تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى» تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

خەلقئارا تۈزۈمنىڭ كوۋىد  - 19 يۇقۇمىدىن كېيىن ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ يەنىلا غەرب ئىتتىپاقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قالىن، «بىزنىڭ ھېلىھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ بىر پارچىسى بولۇشىمىز، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇپ غەرب ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك شېرىكى ۋە ئىتتىپاقدىشى بولۇشنى خالىشىمىز، بىزنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ياكى رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ» دېدى.

قالىن، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەردە تاشلىغان قەدەملىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىي ئىززەت – ھۆرمەت ۋە ھاياتلىق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان تاشقى سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئىبراھىم قالىن، بۈگۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيەگە جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنىڭ ئەسلىتىپ ئۆتۈلۈشىدىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ لايىھە باياناتىنى ئوقۇدۇم. تۈركىيەگە قارىتا جازا يۈرگۈزۈشنىڭ ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىبارىلەرنى كۆرۈش ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلدى. مەن ياۋروپالىقلار ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۈركىيەگە قارىتا ئىشلىتىلگەن جازا ۋە تەھدىت ئۇسلۇبى ھېچقاچان ئىشقا يارىمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بۇ خىل تەھدىت ۋە جازا تىلىنىڭ ھەمىشە ئەكسى تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز ئىجابىي قاراشلارغا ئىگە بولۇشنى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىدە ئىلگىرىلەشنى خالايمىز» دېدى.

ئىبراھىم قالىن، گىرېتسىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقۇچە تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە يېقىنلاشمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «بۇ ئەھۋال ماڭا گىرېتسىيەنىڭ بۇ يىغىندا تۈركىيەگە جازا يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، بۇنداق بىر ئىش پەقەت تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگىلا ئەمەس، تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر