ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمىدىن كېيىن قايتا شەكىللىنىدىغان دۇنيادىكى بارلىق سىياسەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى مەركەز قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1543063
ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان 10 – دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان تېلېگراممىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 72 – يىلىدا تۈركىيە پۇقرالىرى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان، بۇنىڭدىن 72 يىل ئىلگىرى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ ئىنساننى مەركەز قىلغان بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش مەقسىتى بىلەن قوبۇل قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىدىغان مۇھىم ھۆججەت بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ھېلىھەم ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشقۇرۇش سىستمىسى «خەلقنى ياشنات، دۆلەت ياشنىسۇن» پىرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ، ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان نۇرغۇن توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  بۈگۈنكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر تەھدىتنىڭ مەدەنىيەت ئىرقچىلىقى، چەت ئەللىك ئۆچمەنلىكى ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەرب جەمئىيەتلىرىدە كوۋىد  - 19 يۇقۇمى بىلەن تەڭ ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئارقىلىق كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان ھەق- ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز مىلياردلارچە مۇسۇلمانلار ياشاش ھوقۇقىدىن تارتىپ ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغىچە بولغان ئاساسىي ئەركىنلىكلىرى ئاياق ئاستى قىلىنغان، پىكىر ئەركىنلىكى تونى ئاستىدا  مۇقەددەس قىممەت قارىشى ھاقارەتلىنىۋاتقان، ئۆچمەنلىك تىلى ئاخبارات ۋە پىرېزىدېنتلار سەۋىيەسىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان قورقۇنچلۇق كارتىنىغا دۇچ كەلدۇق. كوۋىد  - 19 يۇقۇم ئەھۋالىدىن كېيىن قايتا شەكىللىنىدىغان دۇنيادىكى بارلىق سىياسەتلەر كىشىلىك ھوقۇقنى چۆرىدەپ قۇرۇلۇپ، ئادالەتسىزلىكنى تۈگىتىشتىكى ئۈنۈملۈك مېخانىزملارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» دېدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكلەرنى قوغداشنى ۋە دۇنيا كىشىلىك خىتابنامىسى ئارقىلىق بۇنىڭدىن 72 يىل ئىلگىرى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان ھوقۇقلىرىغا ھېلىھەم ئېرىشەلمىگەن  مىليونلىغان كىشىلەرگە ئۈمىد چىرىغى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر