ئۆمەر چەلىك: «ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇقتىسىدىن ئەڭ ئالدىنقى 5 مەسىلە تۈركىيەسىز ھەل بولمايدۇ»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، «ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مېخانىزملىرىنى ئىشقا سېلىشى لازىم، قىلماسلىقى زۆرۈر بولغىنى، ئېمبارگو تىلىنى ئىشلىتىشتۇر» دېدى.

1542186
ئۆمەر چەلىك: «ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇقتىسىدىن ئەڭ ئالدىنقى 5 مەسىلە تۈركىيەسىز ھەل بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆمەر چەلىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تۈركىيە ھەققىدىكى باياناتلىرى ئۈستىدە  توختالغان ئۆمەر چەلىك، «ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇقتىسىدىن ئەڭ ئالدىنقى مەسىلە سۈپىتىدە، مەيلى قايسى مەسىلىنى تۇتساڭلار تۇتۇڭلار، تۈركىيەسىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەقىلانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئەقىلانە ھەرىكەت قىلغاندىمۇ تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مېخانىزملىرىنى ئىشقا سېلىشى لازىم.  قىلماسلىقى زۆرۈر بولغىنى، ئېمبارگو تىلىنى ئىشلىتىشتۇر» دېدى.

ئۆمەر چەلىك گرېتسىيەگە قارىتا «بىز بۇ رايوندا بىللە ياشايمىز. ئۇزاقتىكىلەردىن ياردەم كۈتۈپ، تۈركىيەگە بەزى ئىشلارنى تېڭىشقا ئۇرىنىشىڭلار ھېچبىر شەكىلدە نەتىجىگە ئېرىشتۇرمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر