ئەردوغان: بايدىن بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىمەن

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكادا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان جو بايدىن ھوقۇق تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1542455
ئەردوغان: بايدىن بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجانغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئامېرىكادا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان بايدىننىڭ ناتونۇش ئەمەسلىكىنى، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدىن تارتىپ ئۇنى ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كۈنىمىزدە ناتو ئىچىدە ئامېرىكادىن قالسىلا ئالدىنقى بەشنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ نۇقتىنى ئۆزلىرىمۇ دائىم ئېتىراپ قىلىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى، بىزنىڭ قورال-ياراغ سېتىۋېلىشىمىزغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ياخشى دەپ قارىمايمىز. بولۇپمۇ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا، فىراتنىڭ شەرقىدىكى مەيدانىنى توغرا دەپ قارىمايمىز. مەن ھازىر ئېلان قىلىدىغان باياناتلىرىمىزنى بالدۇر دەپ قارايمەن. ئالدى بىلەن، بايدىن ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالسۇن، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ بەزى مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىمىز.»

ئۇ خەلقئارا سىياسەتتە توقۇنۇشنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ: «دىپلوماتىيەدە بۇنداق مەسىلىلەردە مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۆزئارا پۈتۈشۈش ئارقىلىق يول تاپىمىز. بىزنىڭ بۇ مۇساپىنى ساغلام شەكىلدە ئېلىپ ماڭالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر