ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك ئەمالىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەھكۇم بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئەمالىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1540854
ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك ئەمالىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا ئۇنىۋېرستېتلار كېڭىشى ۋە ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرستېتى تەرىپىدىن ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي ئاقدېڭىز مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋىدېئو ئارقىلىق قاتناشتى.

ئۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى مەھكۇم بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئەمالىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى كېرەك. جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ۋە گىرېتسىيە تەرىپىدىن شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ قالايمىقان پايدىلىنىشىغا رۇخسەت يول قويماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئۇ ئىتتىپاق ھەمكارلىقى نامى ئاستىدا قىبرىس تۈركلىرىگە ۋە تۈركىيەگە تېخىمۇ كۆپ ناھەقچىلىق قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «شەرقىي ئادېڭىزدا ساھىلى بولغان بارلىق رايون دۆلەتلىرى ۋە قىبرىس تۈركلىرى قاتناشقان كونفېرانس ئۆتكۈزۈش تەكلىپىمىز ھېلىمۇ ئۈستەلدە تۇرۇۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن تۈركىيەنىڭ ئۇزاتقان قولىنى ھاۋادا تاشلاپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز. گىرېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى بارلىق قوشنا دۆلەتلەرنى بۇ مەسىلىنى ئويۇن سۈپىتىدە كۆرۈشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمەن. تەمكىنلىك، سەمىمىيلىك ۋە ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلغاندا، ھەممە ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىغان، ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان فورمۇلانى تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ تۈركىيەگە ئوخشاش ئاقدېڭىزنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ساھىلىغا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ، يۈز بەرگەنلەرگە قاراپ تۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىزنىڭ ئانتاليا ساھىللىرىغا سولاپ قويۇش مەقسەت قىلىنغان پىلان ۋە خەرىتىلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتتۇق. ھېچكىمنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تالان-تاراج قىلىش نىيىتىمىز يوق. ھەق-ھوقۇقىمىزنى قولىمىزدىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بۇلاڭچى ئاڭغا قارشى قەددىمىزنى تىك تۇتىمىز. دۆلىتىمىز شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە ئىختىلاپلارنى كۈچەيتىۋېىتىشنى ئەمەس، بەلكى تىنچلىق، ئۆزئارا ھەمكارلىق، ھەققانىيەت ۋە ئادىللىقنىڭ ئورنىتىلىشىنى قوللايدۇ.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر