تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا 4 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1540304
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا 4 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، پ ك ك غا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە كەسكىن ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا رازۋېدكا ۋە كۆزىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق بايقالغان تۆت نەپەر پ ك ك ئەزاسى ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.

بۇ ئارىلىقتا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن 5 نەپەر تەشكىلات ئەزاسىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەسلىم بولغان تېرورچىلارنىڭ 1995 - يىلدىن 2015 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى،  تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئىراقتا پائالىيەت قىلغانلىقى، تەسلىم بولغانلاردىن بىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىدا 25 يىل تۇرغانلىقى ئېنىقلاندى.

ئېلىپ بېرىلغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، 1 - يانۋاردىن بۈگۈنگە قەدەر تەسلىم بولغان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانى 223 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر