تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە
بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى نىشان قىلغان «چاقماق ھەرىكىتى» گە يەنە يېڭى بىر ھەرىكەت قوشۇلدى.
1540094
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىتلىس ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى رايونغا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى يوقىتىپ تاشلاش مەقسىتىدە چاقماق – 16 سەھى دالاسى زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى.
مەزكۇر ھەرىكەتكە ژاندارما كوماندىر، ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت، ساقچى ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى قىسىملاردىن بولۇپ جەمئىي ئىككى مىڭ 572 ئەسكەر، 153 ئەترەتنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ تاشلاش مەقسىتىدە 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 13 - كۈنى باشلانغان «چاقماق ھەرىكىتى» دائىرىسىدە ھازىرغىچە 148 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، 455 ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئىسكىلات بىتچىت قىلىندى، نۇرغۇن قورال-ياراغ، يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش ماتېرىياللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.