زەيتۇن شېخى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى
زەيتۇن شېخى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولغان توقۇنۇشتىن كېيىن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتە، 17 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ شىمالىي سۈرىيەدە تېررورلۇقتىن تازىلانغان رايونلارغا مەخپىي كىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئېغىر زەربە بەردى.
تۈنۈگۈن (2020-يىلى 3-دېكابىر) زەيتۇن شېخى رايونىغا مەخپىي كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورىستلار بىلەن چىققان ئېتىشىشتا، بىر ئەسكەر شېھىت بولغان ئىدى. ئىككى كۈندىن بېرى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمۇ قاتناشتۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 17 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «مەھمەتچىك سەپداشلىرىنىڭ قېنىنى يەردە قويمىدى. ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە 17 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.