زەيتۇن شېخى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

سۈرىيەدە زەيتۇن شېخى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ تېررورىستلىرى بىلەن چىققان ئېتىشىشتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1538937
زەيتۇن شېخى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى رايونىدا پ ك ك|ي پ گ تېررورىستلىرى بىلەن ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پ ك ك|ي پ گ تېررورىستلىرىنىڭ شىمالىي سۈرىيەدە تېررورلۇقتىن تازىلانغان رايونغا يەنە بىر قېتىم مەخپىي كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى، چىققان ئېتىشىشتا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋە قېچىش ئېھتىمالى بولغان يوللىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە ئالتە تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايونغا ئەۋەتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر