ئەردوغان: ئاياللىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بوينىمىزنىڭ قەرزى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى نىشان قىلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ قارشىسىدا تىك تۇرۇشنىڭ بويۇنلىرىنىڭ قەرزى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1539097
ئەردوغان: ئاياللىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بوينىمىزنىڭ قەرزى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە، «تۈرك ئاياللىرىنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 86-يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «ئائىلىگە قارىتىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمنى ۋە تەھدىتنى مەۋجۇتلۇقىمىزغا بىۋاستە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارايمىز. زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئايالنى قانداق قوغدىغان بولساق، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن تاغقا ئېلىپ قېچىلغان قىزلىرىمىزنىمۇ شۇنداق قوغداشقا مەجبۇرمىز. ھېچكىم ھېچكىمنىڭ مال-مۈلكى ئەمەس. ئاياللارنىڭمۇ بىرسىنىڭ مېلى ھېسابلىنىشىنى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە قىلىنغان مۇئامىلىلەرگە دۇچار بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«پاراكەنچىلىككە ئۇچرىغان ھەر قانداق ئايالنى قانداق قوغدىغان بولساق، ئېتىقادى ۋە كىيىم-كېچەك سەۋەبىدىن ئايرىمىچىلىققا دۇچار بولغان قىزلىرىمىزنىمۇ شۇنداق قوغداش، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى نىشان قىلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ قارشىسىدا تىك تۇرۇش، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بوينىمىزنىڭ قەرزى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر