مۇستاپا شەنتوپ خەلقئارا مېيىپلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋىتتېردا ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ، سۆيگۈ، ھەمكارلىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن ھەممەيلەن بىرلىكتە مىيىپلار ئۈچۈن توسالغۇسىز تۇرمۇش بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1538968
مۇستاپا شەنتوپ خەلقئارا مېيىپلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋىتتېردا ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ خەلقئارا مېيىپلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

مۇستاپا شەنتوپ تىۋىتتېر ھېسابىدا، «#3AralıkDünyaEngellilerGünü» «3- دىكابىر خەلقئارا مىيىپلار كۈنى» دېگەن خەتكۈچ بىلەن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «سۆيگۈ، ھەمكارلىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە مىيىپلار ئۈچۈن توسالغۇسىز تۇرمۇش بەرپا قىلىمىز. پەقەت بىر كۈنلا ئەمەس،  ھەر كۈنى سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر