تۈركىيە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 47-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان قارارلاردىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1538023
تۈركىيە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نىگېر پايتەختى نىيامېيدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا قوبۇل قىلىنغان قارارلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 2020-يىلى 27-28-نويابىر كۈنلىرى نىيامېيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ 47-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا قوبۇل قىلىنغان قارارلار، ئىسلام دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تەشكىلاتنىڭ تەستىقى نۇقتىسىدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېيىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ چادنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىسسەيىن براھىم تاھانىڭ ئافرىقا گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق نامزاتى بولۇش سۈپىتىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ: «دۆلىتىمىز باشتىن تارتىپ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارالىق سۈپەتنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش نۇقتىسىدىن، يېڭى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ تەشكىلاتنىڭ شەرتى ۋە بېكىتىلگەن ئۇسۇللار بويىچە ئافرىقا گۇرۇپپىسىدىن سايلىنىشىغا، شۇنداقلا ئافرىقانىڭ ئورتاق نامزات چىقىرشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بۇ نۇقتا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تەرىپىدىن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ھازىرقى باش كاتىپ يۇسۇف ئەل ئۇسەيمىنغا قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتىلدى. يېڭىدىن سايلانغان باش كاتىپ چادنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىسسەيىن براھىم تاھانىڭ خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر