شەنتوپ يۇقۇمنى تىزگىلەش توغرىسىدىكى يېڭى تەدبىرلەر ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش توغرىسىدا توختالدى.

1537301
شەنتوپ يۇقۇمنى تىزگىلەش توغرىسىدىكى يېڭى تەدبىرلەر ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ مۇستافا شەنتوپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، كوۋىد – 19 غا قارشى ئېلان قىلىنغان تەدبىرلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇ، دۇنيانى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى ھۆكۈمەت قارار قىلغان يېڭى چارە – تەدبىرلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز سالامەتلىكىمىزنى ۋە يېقىنلىرىمىزنى ئاسراش ئۈچۈن تەدبىرلەرگە قەتئىي رىئايە قىلىشتۇر. بىز يۇقۇمغا قارشى قانچىلىك تەدبىر قوللانساق شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇمايلى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #شەنتوپ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر