تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە تۈنۈگۈن ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە مەيدانغا كېلىپ، ئاساسلىقى خەۋپسىزلىك خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى، يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، «بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز. ئاللاھتىن ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارغا رەھمەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مېۋىسىنى بېرىشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك شۇنداقلا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.