چاۋۇشئوغلۇ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 1-2-دېكابىر (2020) كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
1536922
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سىن يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
يىغىندا، ناتونىڭ سىياسىي رولىنىڭ كۈچەيتىلىشى مەقسىتىدە باشلانغان «2030-ناتو» قاراپ چىقىش باسقۇچى بىلەن ياۋروپا-ئاتلانتىك رايونىدىكى ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
يىغىندا يەنە، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا، بالقان رايونى ۋە قارا دېڭىز رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.