تۈركىيە ئىرانلىق مۇتەخەسسىس موھسىن فاخرىزادەنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىرانلىق مۇتەخەسسىس فاخرىزادەنىڭ قوراللىق سۇيىقەست نەتىجىسىدە قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1536141
تۈركىيە ئىرانلىق مۇتەخەسسىس موھسىن فاخرىزادەنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىرانلىق مۇتەخەسسسىس فاخرىزادەنىڭ قوراللىق سۇيىقەست نەتىجىسىدە قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېلان قىلغان بايانىدا، «بىز ئىرانلىق ئالىم مۇھسىن فاخرىزادەنىڭ تېھراندا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇردۇق. بۇ قەبىھ جىنايەتنى ئەيىبلەيمىز ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتىگە ۋە مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى سۇنىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى بۇزۇشقا تىرىشىدىغان ھەر خىل ئۇرۇنۇشلارغا ۋە تېررورلۇققا، مەيلى  سادىر قىلغۇچى ياكى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغۇچى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قارشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، «بۇ جەھەتتە مەزكۇر جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ، ئادالەت ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئەقىلانىلىق ۋە مۆتىدىللىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا، رايوننىڭ جىددىيچىلىكىنى يۇقىرى ئۆرلىتىدىغان ئۇرۇنۇشلاردىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر