مۇستاپا شەنتوپ گىرېتسىيەدە مۇپتى ئەھمەت مەتەگە قارىتىلغان ئىرقچى تەھدىتنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ گىرېتسىيەدە ئىسكەجە مۇپتىسى ئەھمەت مەتەگە قارىتىلغان ئىرقچى تەھدىت مەكتۇبىنى ئەيىبلىدى.

1536148
مۇستاپا شەنتوپ گىرېتسىيەدە مۇپتى ئەھمەت مەتەگە قارىتىلغان ئىرقچى تەھدىتنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابى ئارقىلىق مەتەگە قارىتىلغان ئىرقچىلىق ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «غەربىي تراكيادا ئىسكەجە مۇپتىسى ئەھمەت مەتەنىڭ ئۆيىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمەن. تۈرك ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقچىمەن. ئۈمىد قىلىمەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى مۇسۇلمان بولغان چاغدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەسكە ئالغاي» دېدى.

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباشمۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «ئىسكەجە مۇپتىسى ئەھمەت مەتەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بىز غەربىي تراكيادىكى تۈرك ئاز سانلىقلارغا ۋە ۋەكىللىرىگە ئىرىقچى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرىلىۋاتقان نەپرەت قىلمىشى جاۋاپكارلىرىنىڭ گىرېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن بالدۇرراق سوتقا تارتىلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر