چاۋۇشئوغلۇ نىگېردا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 47 – نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن يېتىپ بارغان نىگېرنىڭ پايتەختى نىيامېيدا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

1535825
چاۋۇشئوغلۇ نىگېردا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نىگېر پىرېزىدېنتى ئىسسۇفۇ ماھامادو بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا جۇمھۇر رەئىس  رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، نىگېر پىرېزىدېنتىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نىگېر بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى، سەھىيە، مائارىپ، كانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتتىمىز.»

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدىكى يەنە بىر ئۇچۇرىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان بىلەن سەمىمىي مۇھىت ئاستىدا كۆرۈشكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۈچلۈك تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمراھلىقى، پەقەت ئىككى دۆلەت ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل رايونىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدۇ.»

ئۇ، مالدىۋى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ شاھىد بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھەر ساھەدە، بولۇپمۇ ئىقتىساد، سودا، يېزا ئىگىلىك ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مالىغا قارىتا ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئايروپىلان سەپەرلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر