تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولمىغان تەۋسىيە قارارىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1535256
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدا، تاقاق ماراش ۋە قىبرىس مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك قوبۇل قىلىنغان قارار ھەققىدىكى سوئالغا بەرگەن يازما جاۋابىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ، دۆلىتىمىز ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولمىغان تەۋسىيە قارارىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز. بۇ ھەقتە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتنى پۈتۈنلەي قوللايمىز. جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ زورلاپ تاڭغانلىقىدا قىلچە شۈبھە بولمىغان بۇ قارار، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىدە ھەقىقەتلەردىن تولىمۇ يىراق ھەم گۇمانىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ پوزىتسىيە ۋە ئىدېئولوگىيەدە چىڭ تۇرغان تەقدىردە، ياۋروپا پارلامېنتى ئورگانلىرىنىڭ  قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئىجابىي ھەسسە قوشالىشى مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قىبرىس مەسىلىسى ئارقىلىق گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىشى، نە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتلىرىگە، نە قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا، نە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر. ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى، قىبرىس ئارىلىدىكى ھەقىقەتلەر بىلەن يۈزلىشىشكە، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئېتىبارغا ئېلىشقا، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2004 – يىلى ئاپرېلدا قىبرىس تۈركلىرىگە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز. تۈركىيەنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ ھەمدە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ھېچقانداق بىر تەھدىت ۋە ھەيۋىگە قىلچە باش ئەگمەستىن،  ئاداققىچە قوغداش ئىرادىسى قەتئىيدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە، ئۆز ۋاقتىدا دىيالوگ ئورنىتىش ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ياۋروپا پارلامېنتى، قىبرىستا تاقاق ماراش رايونىنىڭ بىر قىسمىنى ئېچىش قارارىدىن ۋاز كېچىلىشىنى، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئىككى خەلقلىق، ئىككى رايونلۇق فېدېراتسىيەلىك تۈزۈمگە ئاساسەن ھەل قىلىشنى نىشان قىلىدىغان مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن باشلىتىلىشىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر