يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلار تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچى قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا تەسلىم بولدى.

1534556
يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلار تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ژاندارما باش قوماندانلىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى بىۋاسىتە ئىشلىگەن قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سېپىدىن قاچقان يەنە بەش تېررورچىنىڭ تۈركىيە تەرەپكە ئۆتۈپ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ 2011 – 2015 يىللىرى ئارىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى ۋە سۈرىيە بىلەن ئىراقتا ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە 2020 – يىلى 1 – يانۋاردىن تا بۈگۈنگىچە تەسلىم بولغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 215 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر