سويلۇ تۈركىيە ئىچىدىكى پ ك ك تېررورچىسى سانىنى ئاشكارىلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈلەيمان سويلۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۇنجى قېتىم تونېلنىڭ ئىككىنچى تەرىپىگە بۇنچىلىك يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

1534868
سويلۇ تۈركىيە ئىچىدىكى پ ك ك تېررورچىسى سانىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتىغا ئالاقىدار يىغىندا سۆز قىلىپ، بۇ يىلقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 809 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر سويلۇ دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلار سانىنىڭ 320 گە قىسقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، 76 سى چوڭ، 307 سى ئوتتۇراھال، 99 مىڭى تاغلىق ۋە 2900 ى شەھەرلەردە بولۇپ جەمئىي 102 مىڭ قېتىم ئىچكى بىخەتەرلىك ساقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر