دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئىرىنى ھەربىي ھەرىكىتى پاراخوتىنىڭ تۈركىيە پاراخوتىغا قىلغان بىر تەرەپلىمە مۇداخىلىسىنى ئەيىبلىدى.

1534430
دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئىرىنى ھەربىي ھەرىكىتى پاراخوتىنىڭ تۈركىيە پاراخوتىغا قىلغان خەلقئارا قانۇن ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىگە خىلاپ بىر تەرەپلىمە مۇداخىلىسىنى ئەيىبلىدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىرىنى ھەربىي ھەرىكىتى قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە پاراخوتىنىڭ تۈركىيە پاراخوتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى (رۇخسەت ئالماستىنلا ئاختۇرۇشى) گە قارشى تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «قىبرىستىكى تۈرك مەۋجۇدىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئارالدا ئىككى خەلق ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەپلەرنىڭ مەسىلىنىڭ ھەل بولماسلىقىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىۋاتقان قاراشلىرى قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا بىر تېررور كارىدورىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئەزەربەيجاننىڭ چارەك ئەسىردن ئارتۇق ئىشغال ئاستىا قالغان زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقىدىن ھېس قىلىنغان مەمنۇنىيەتمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر