چاۋۇشئوغلۇ مارادونانىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئارگېنتىنانىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى دىيىگوارماندو مارادونا (Diego Armando Maradona) نىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

1534655
چاۋۇشئوغلۇ مارادونانىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردا ئىسپانچە تەزىيە تېلېگراممىسى ھەمبەھىرلىدى. ئۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:

«خەيرىخوش 10-نومۇر. ھۇزۇر ئىچىدە ياتقىن.»

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مارادونانىڭ 10-نومۇرلۇق مايكىسى ۋە فوتوگرافىنىمۇ ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «سەن ياشناتقان گۈزەل دەقىقىلەر ۋە دۇنيا پوتبولچىلىقىغا قوشقان تۆھپىلىرىڭ ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمىز» دېدى.

مارادونا تۈنۈگۈن (2020-يىلى 26-نويابىر) بويىنوس ئايرىس (Buenos Aires) ئىشتاتىغا قاراشلىق تىگرە (Tigre) شەھىرىدە، يۈرەك ۋە ئۆپكە كېسىلى سەۋەبىدىن، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىدى. 60 ياشلىق مارادونا نويابىر ئېيىنىڭ بېشىدا مېڭە ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، سەككىز كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىققان ئىدى.

ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى مارادونانىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۆلەت مىقياسىدا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.

ئارگېنتىنا پىرېرزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېز (Alberto Fernandez) مارادونانىڭ جەسىتىنىڭ كاسا روسادا (CasaRosada)  پىرېزىدېنتلىق بىناسىغا ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە مۇراسىمنىڭ بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا خەلققە ئېچىۋېتىلگەن مۇراسىمغا تەخمىنەن 1 مىليون كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر