ئەردوغان: ئىسلام ۋە مۇسۇلمان دۈشمەنلىكى بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىگە ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئسىلام ۋە مۇسۇلمان دۈشمەنلىكىنىڭ بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىياسەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1534248
ئەردوغان: ئىسلام ۋە مۇسۇلمان دۈشمەنلىكى بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىن 36 – نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە بىۋاسىتە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئسىلام ۋە مۇسۇلمان دۈشمەنلىكىنىڭ بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بىۋاسىتە پىرېزىدېنتلار دەرىجىسىدە ھىمايە قىلىشقا ئېرىشكەن بىر سىياسەتكە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان يەكلەش ۋە ئۆچمەنلىك دولقۇنىغا نۆۋەتتە مۇسۇلمانلار دۇچ كەلمەكتە» دېدى.

ئەردوغان «مىليونلارچە خەلقىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى لاياقەتسىز سىياسەتچىلەرنىڭ خىرىسلىرىغا قۇربان قىلىۋەتسەك بولمايدۇ. قانۇن ۋە دېموكراتىيە بايرىقى ئاسىتىدا خەلقئارا مۇنبەرلەردىن پايدىلىنىپ غەربنى ۋابا مىسالى ئورىۋالغان مەدەنىيەت ئىرقچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى قىلىش يولىنىڭ كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىش ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق» دېدى.

ئۇ يەنە «پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باياشاتلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى قۇددۇس پىلانىنى سىلەر – ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ تېگىشلىك دەرىجىدە قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئارىمىزدىكى بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە پائال ھەمكارلىق، پەلەستىن دەۋاسىدىمۇ باشقا ساھەلەردىمۇ ئۇتۇق قازىنىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىدە يەنە، كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ دىن، تىل، ئىرق ئايرىماستىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قىسمىتىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرلىرىنى ئازايتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەلەپنىڭ ئىزچىللىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قولىمىزدىكى ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىشىمىز لازىم» دېگەن ئەردوغان، «تاشقى سودىمىزنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىماسلىقى سودىغا رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئۇنىڭغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر