ئەردوغان نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغان ئالاھىدە قىسىملارنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 17 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغان ئالاھىدە قىسىملارنى تەبرىكلىدى.

1534231
ئەردوغان نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغان ئالاھىدە قىسىملارنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن بولۇپمۇ <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 17 تېررورچى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ئۇرۇندى. ئەمما ئۇلار قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. مەن ئەزىز خەلقىمىز نامىدىن، ئالاھىدە قىسىملىرىمىزنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن، دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ بۇ جەسۇرلارچە تاشلىغان قەدەملىرى، خۇدايىم بۇيرۇسا، نە باشلانغۇچ، نە خاتىمە بولمايدۇ.»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەدە «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 17 تېررورچىنىڭ، ئالاھىدە قىسىملار تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر