تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كەلبەجەر زەپىرىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجاننىڭ كەلبەجەر زەپىرىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1534196
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كەلبەجەر زەپىرىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇدا 27 يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كەلبەجەرگە كىردى.

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، 10 – نويابىر كۈنى تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلگەن، ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ئالدىدا يېڭىلگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان، ئارقىدىنلا، تاغلىق قاراباغدا 7 رايوندىن چېكىنىپ چېقىپ كېتىشنى قوبۇل قىلغانىدى.

ئەرمېنىيەدىن كەلبەجەرنى 15 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك شەرت – شارائىتلىرى ۋە چەكلىك قاتناش ئىمكانىيەتلىرى سەۋەبىدىن، بۇ مۇددەت ئېرىۋاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن، 25 – نويابىرغىچە ئۇزارتىلغانىدى.

ئاممىۋى تاراتقۇلار ۋە رۇس خەۋەر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردە، كەلبەجەرنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئەرمەنلەرنىڭ ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۆي – ماكانلار، مەكتەپلەر، دۆلەت بىنالىرى ۋە دەل – دەرەخلەرگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكى، بىر قىسىم ئىمارەتلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى كۆرۈلگەنىدى.

ئەرمېنىيە تەرەپكە بېرىلگەن قوشۇمچە مۇددەتنىڭ تۈنۈگۈن كېچە توشۇشى بىلەن تەڭ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كەلبەجەرگە كىردى.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئەزەربەيجاننىڭ كەلبەجەر زەپىرىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «كەلبەجەر ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ساھىبلىرى بىلەن ئۇچراشماقتا. شانلىق ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىمىز، ئەمدىلىكتە ئەزان سادالىرى بىلەن بىرلىكتە كەلبەجەردە لەرزان لەپىلدەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر