چارشەنبە كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى چارشەنبە كۈنى (25 - نويابىر) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلىنىدۇ.

1533272
چارشەنبە كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ  5 - قېتىملىق دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ زەپىرى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى يېپىق ماراش رايونىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئېچىلىشىدىن كېيىنكى ھالقىلىق پەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاندا ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسى ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى تەرەققىياتلار قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تاغلىق قاراباغدا تۈركىيە رۇسىيە بىلەن قۇرۇپ چىقىدىغان ئورتاق مەركەزدە ۋە بۇ مەركەزنىڭ پائالىيەتلىرىدە، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى خادىملىرىنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرى،  دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم تېما بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

يىغىندا يەنە شەرقىي ئاق دېڭىزدا ئورۇچ رەئىس بۇرغۇلاش پاراخوتىنىڭ  ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 29 – نويابىرغىچە  ئۇزارتىلىشىغا ئالاقىدار دېڭىز رايونى تەتقىقات بىخەتەرلىكى «Navtex» ئېلان قىلىنىشى ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىندا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋىيەدىكى پائالىيەتلىرى، سۈرىيە مەسىلىسى، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە باشقا رايون ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر