ئاكار: ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن ھەمكارلىق ئەنئەنسى بار

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار: «تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن ھەمكارلىق ئەنئەنىسى بار» دېدى.

1532397
ئاكار: ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن ھەمكارلىق ئەنئەنسى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار خالىفاكس (Halifax) خەلقئارالىق خەۋپسىزلىك مۇنبىرىغا سىن ئارقىلىق قاتنىشىپ، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، بەزى ۋاقىتتا ئىگىز-پەسلىك، كەسكىن پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بار، ئەمما شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قىيىنچىلىقلاردىن غالىپ كەلگەن ئۇزۇن ھەمكارلىق ئەنئەنىمىز بار. ئىككى دۆلەت كورېيە، سومالى، بالقان رايونى، ئافغانىستان ۋە دۇنيادىكى باشقا جۇغراپىيەلەردە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىنتايىن يېقىن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى، بەزى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق كۈنتەرتىپى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقتى. بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ئەمەلىيەتكە كۆلەڭگە تاشلىدى. بۇ ئەھۋالدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر