يەنە ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى يەنە ئىككى تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1531763
يەنە ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك دىن قاچقان ئىككى تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تەسلىم بولغان ئىككى تېررورچىدىن بىرىنىڭ، ئۇدا 10 يىلدىن بۇيان، يەنە بىرىنىڭ بولسا، ئۇدا 3 يىلدىن بۇيان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ سېپىدە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 206 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر