ئەردوغان: نىشانىمىز  ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرىنىڭ دوستلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1531855
ئەردوغان: نىشانىمىز  ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ، كۈتاھيا، ئافيونقاراھىسار، باتمان ۋە سىئىرت ۋىلايەتلىرىنىڭ، 7 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتايلىرىغا، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئىشتىراك قىلىپ، سۆزلىگەن نۇتىقىدا، مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرىنىڭ، نە دۆلەت ئىچىدە، نە دۆلەت سىرتىدا، ھېچكىم بىلەن جېدەل - ماجىرا قىلىش ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە، دوستلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مۇھىم نىشانلىرىمىزدىن بىرى، دوستلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىزگە ئايرىمچىلىق قىلماسلىقى، دۆلىتىمىزگە قارىتا دۈشمەنلىكلەردە كوزېرغا ئايلىنىپ قالماسلىقىدۇر. ئۆزىمىزنى باشقا جايلاردا ئەمەس، ياۋروپادا كۆرۈۋاتىمىز، كېلەچىكىمىزنى ياۋروپا بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ۋە يېقىن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى جانلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «رۇسىيە ۋە ئىرانغا ئوخشىغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان دۆلەتلەرنى ئەسلا نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتەلمەيمىز. ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن چوڭقۇردۇر. ھېچكىمنىڭ بۇ جۇغراپىيە ئىچىدە تۈركىيەگە، پۈتۈنلەي يالغان – ياۋىداقلار بىلەن تەھدىت سېلىش ھوقۇقى يوقتۇر.»

تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەت، تەشكىلات بىلەن، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ھەم دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلالمايدىغان مەسىلىسى يوقلۇقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «ھېچقانداق بىر شەرەپلىك دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ، تۈركىيە دۈشمەنلىكىنى ھايات غايىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان لوبىلار ۋە بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچىقىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش توغرىلىقمۇ توختىلىپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يېڭى يۇقۇم دولقۇنى توختىغان ھامان، پارلاق بىر كېلەچەك بولىدۇ. قانۇنىي قۇرۇلمىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي ئۇل تېشىمىزنىڭ ئاساسلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىدىن كېيىن قايتىدىن شەكىللىنىدىغان دۇنيادا ئۆزىمىزگە ياخشى بىر ئورۇن ھازىرلاش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر