ئەردوغان: 20 – گ گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئەھمىيىتىنى زورايتقانلىقىغا ئىشىنىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ئەڭ كۈچلۈك ئەللەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان 20 – گ گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئەھمىيىتىنى زورايتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1531838
ئەردوغان: 20 – گ گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئەھمىيىتىنى زورايتقانلىقىغا ئىشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدىغان « G20 Saudi Arabia» باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، ۋىدېئولۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ يىلقى 20 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مەجبۇرىي ھالدا تور مۇھىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى ئەسىرنىڭ ئەڭ جىددىي ساغلاملىق كىرىزىسى دەپ ئاتالغان بۇ ۋىرۇسنىڭ، ئىقتىسادتىن سودىغىچە، مائارىپتىن ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرگىچە كۈندىلىك ھاياتىىمىزغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ۋىرۇس، دىن، تىل، رايون ۋە ئىرق ئايرىماستىن ھەممىمىزنىڭ، چوڭ ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايەن كۆرسىتىپ بەردى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشتىن سىرت يەنە، 156 دۆلەت ۋە 9 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ تەلەپلىرىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇپ، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرىدا دوست ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رىياد باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىدىغان قارارلىرىمىز، پەقەت يۇقۇمنىڭ تەسىر كۈچىنى ئازايتىش جەھەتتىنلا ئەمەس، 20 – گ گۇرۇھىغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى قاندۇرۇشتىمۇ تۈرتكىلىك رول  ئوينايدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك بىر كىرىزىسنىڭ ئالدىدا، يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىۋاتقان بىر پەيتتە چاقىرىلىدىغان 20 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ، دۆلەتلىرىمىز ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى جانابىي ئاللاھتقىن تىلەيمەن.  ئەزىز قېرىندىشىم، ئىككى ھەرەمنىڭ خادىمى پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز نامىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىغا، <ۋۇخەن ۋىرۇسى>  ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەن مۇشەققەتلىك بىر پەيتتە بۇنداق مۇھىم بىر يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئېسەنلىك تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر