چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى دومىنىك رائاب، ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئارانچا گونزالېز لايا ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رەھبىرى نەچىرۋان بارزانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1531076
چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى دومىنىك رائاب بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، قىبرىس، لىۋىيە ۋە ئۈستۈن قاراباغ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

مىنىستىر  چاۋۇشئوغلۇ، كېيىنچە، ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئارانچا گونزالېز لايا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاخىرىدا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رەھبىرى نەچىرۋان بارزانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

نەچىرۋان بارزانىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ، ئەربىل ۋالىيسى فەرسەت سوفىنىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ۋاپات بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، نەچىرۋان بارزانىغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر