چەلىك مايك پومپېيونى ئەيىبلىدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز ئاھالىلەر رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە قانۇنسىزلىك دەپ باھا بەردى.

1531469
چەلىك مايك پومپېيونى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆمەر چەلىك تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، مايك پومپېيونىڭ، گولان ۋە قۇددۇس قارارلىرى شۇنداقلا پەلەستىن مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىنىڭ ئۇلىنى كولىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى، كىرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

چەلىك، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ پەلەستىنكە مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقلىرىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىمۇ بۇ قارارلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن قاراپ، بۇ ھەقتە كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ناھەقچىلىك ۋە قانۇنسىزلىققا قارشى ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ۋە ھەمكارلىق نامايان قىلىش كېرەك. پومپېيونىڭ قانۇنسىز ئاھالىلەر رايونلىرىنى زىيارەت قىلىشى مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە قانۇنسىزلىقتۇر. جۇمھۇر رەئىسىمىز (رەجەپ تاييىپ ئەردوغان)نىڭ پەلەستىن دەۋاسىدا نامايان قىلىۋاتقان ھەقلىق ۋە قەتئىي سىياسىي كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەر تۈرلۈك قانۇنسىزلىققا قارشى ھەرقانداق ئەھۋالدا پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر