تۈركىيە فىلىپپىنغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، فىلىپپىنغا ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1530307
تۈركىيە فىلىپپىنغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «فىلىپپىندا مولاۋې، گونى ۋە ۋامكو ئىسسىق بەلۋاغ بورانلىرى پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتى ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە پايتەخت مانىلا جايلاشقان لۇزون ئارىلىنىڭ ئاپەت رايونى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئاپەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرىغا، فىلىپپىن خەلقىگە ۋە ھۆكۈمەتكە سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر