سۇلايمان سويلۇ دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلار سانىنى ئېلان قىلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلار سانىنىڭ 340 دىن تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1530785
سۇلايمان سويلۇ دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلار سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمان سويلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ژاندارما باش قوماندانلىق ئىشتابى نۇقتىلىق ۋە تېخنىكا ئاساسلىق كۇرسلارنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلار سانىنىڭ 340 دىن تۆۋەنلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «يېقىنقى 4 يىلدا 824 تېررورچى قايىل قىلىش ئارقىلىق تەسلىم بولدى. بۇ سان ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولغانلارنى قوشقاندا 1842 گە يەتتى» دېدى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ  بۇلتۇرقى 5000 دىن 130 گە ۋە بۇ يىل 52 گە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سۇلايمان سويلۇ، «دۆلەت ئىچىدە پ ك ك نىڭ كىتابى ئالدىمىزدىكى يىل، مۇشۇ كۈنلەرگىچە پۈيۈنلەي يېپىلىپ بولىدۇ. مەن بۇنىڭغا ئىىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر