تۈركىيە ئارمىيەسى ئەزەربەيجانغا ئەۋەتىلىدۇ
ئەزەربەيجانغا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەۋەتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى قارارنامىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
1529650
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇننىڭ 92 – ماددىسىغا ئاساسەن، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىگە ئەسكەر ئەۋەتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى قارارنامىسى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىندى. خەيرلىك بولسۇن!»