«‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1529789
«‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 6 تېررورچى، ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن پاناھلىق تىلىگۈچى ئائىلىلەرنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتكەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدىن  چوڭ ۋىلايەتلەردە ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزگەن سۈرىيەلىك 3 تېرورچى ماردىندا قولغا چۈشتى.

تېرورچىلار ئۆتكەن چېگرا رايونلىرىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلىش جەريانىدا، سۇلياۋ خالتىدىكى بوۋاق زاكىلىرىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان تۇرۇبا شەكىللىك بومبا قولغا چۈشۈرۈلدى. تېرورچىلار يوللانغان ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر