تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى قانۇنسىز ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پائالىيەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1528302
تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 32 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بۇ كۈندە، پەلەستىن زېمىنلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتىمىز، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىكرىنى قوللايدىغان بارلىق ئەزالىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل تاجاۋۇزچى ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىقىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەرقىي قۇددۇستا قوشۇمچە 108 قانۇنسىز ئولتۇراق رايونى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ، بۇ قېتىم شەرقىي قۇددۇسقا يېقىن جايدا 1257 يۈرۈشلۈك يېڭى بىر قانۇنسىز ئاھالىلەر رايونى قۇرۇش قارارى ئارقىلىق خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىش ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەقلىرىنى تارتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ، شەرقىي قۇددۇس بىلەن غەربىي قىرغاق ئوتتۇرىسىغا قوشۇمچە قانۇنسىز ئاھالىلەر رايونلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق جۇغراپىيەلىك پۈتۈنلۈككە ئىگە مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر