ئاقار لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سالاھىدىن نەمرۇش بىلەن كۆرۈشتى.

1527763
ئاقار لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ ئىستانبۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشىدا، لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مىنىستىر ئاقار، كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش نىشان قىلىنغان مۇزاكىرىلەرنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ نىشانىنىڭ، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكى ئەمەلگە ئاشقان، ۋەزىيىتى مۇقىم ۋە تىنچ بىر لىۋىيەنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ھەسسە قوشۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، بۇ دائىرىدە، ئەنقەرەنىڭ لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقىغا ئوخشاشلا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە تەلىم – تەربىيە، ياردەم ۋە مەسلىھەتچىلىك جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، مۇستەقىل، مۇقىم ۋە ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە لىۋىيە قۇرۇش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر